كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا، مەسلىگە يولۇققاندا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياج چۈشۈپ قالىدىغان گەپ. بۇنداق ۋاقىتتا كومپيۇتېرنى چۇۋۇپ ئوڭشايدىغان ئىشلا بولمىسا، ئىشەنچلىك بىرەر كومپيۇتېر ئۇستىسىدىن ياردەم سورىسىڭىز، ئۆيىڭىزگە كەلمەي تۇرۇپ، تور ئارقىلىق كومپيۇتېردىن ياكى يانفون ئارقىلىق سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا كىرىپ ياردەم قىلالايدۇ. قېنى ئەمىسە كۆرۈپ باقىلى.
ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن يۇمتال TEAMVIEWER.
بۇ دېتال ئارقىلىق قارشى تەرەپ كومپيۇتېر ياكى تېلېفون ئارقىلىق كومپيۇتېرىڭىزنى كونترول قىلالايدۇ.
كومپيۇتېر ئۇستىسى تۆۋەنكى ئادرېستىن دېتالنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، كومپيۇتېرغا ئورنىتىش كېرەك.
https://www.teamviewer.com/en/…
سىز ياكى ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشى يۇقىرقى ئادرېستىن Quick Download نى چۈشۈرۈپ قاچىلاش كېرەك.
ئاندىن سىز دېتالنى قوزغىتىپ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ID نومۇرنى كومپيۇتېر ئۇستىسىغا ئېيتىپ بېرىڭ.
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كومپيۇتېر ئۇستىسى كومپيۇتېرىڭىزغا كىرىپ، بىر تەرەپتىن مەشغۇلات قىلىپ، بىر تەرەپتىن سىن ۋە ئاۋازلىق كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقىلى بولىدۇ.
بۇ دېتال ئارقىلىق، تېلېفون بىلەن تېلېفوننىمۇ ئۇلىغىلى بولىدۇ. لېكىن كومپيۇتېر ئۇستىسى قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىدا مەشغۇلات قىلالمايدۇ، ئەمما تېلېفون ئىگىسىنىڭ مەشغۇلاتىنى كۆرەلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: ئايفوندا تېلېفون بىلەن تېلېفوننى ئۇلىغاندا، ID نومۇرنى ئېيتىپ بېرىش بىلەن بىرگە تېلېفونىڭىزدىكى ئېكراننى سىنغا ئېلىش كونۇپكىسىنى بېسىپ قويىشىڭىز كېرەك. ئېكراننى سىنغا ئېلىش كونۇپكىسى ئايفوننىڭ ios11.0 نەشرىدىن باشلاپ قوللىنىشقا باشلىغان.
بىر بىرىدىن ئىسىل تېخنىكىلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەك ياخشى قىپسىزلەر ……ئۈزۈلۈپ قالماسلىغىنى تىللەيمەن!
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئو قول ئاستىدىكى بەگلەرنىڭ ئەقلىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، تۈرى، رەڭگى، چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش ئۈچ ئالتۇن قورچاق ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ قورچاقلارنى بىر بەگكە ئەۋەتىپ « بۇ ئۈچ قورچاقنىڭ باھاسى ئۈچ خىل، بىرىنجىسى ئەرزان، ئىككىنىجىسى قىممەترەك، ئۈچىنجىسى بەكلا قىممەت، بۇنىڭ بولىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تاپسۇن» دەپتۇ. بەگ بۇ قورچاقلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئۇيان ئۆرۈپ قاراپتۇ، بۇيان ئۆرۈپ قاراپتۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن باھاسىدا پەرق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ. بەگنىڭ بىشى قېتىپ قول ئاستىدىكىلەرنى چاقىرتىپتۇ ۋە «قورچاقلارنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى تېپىڭلار دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ». لېكىن ئۇلارمۇ بىر نېمە دىيەلمەپتۇ. بۇ خەۋەر ھەممە تەرەپكە تارقاپتۇ. ئەرزىمەس ئەيىپ بىلەن زىندانغا تاشلانغان بىر يىگىر قورچاقلار ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ قاپتۇ دە، بەگكە « رۇخسەت بولسا قورچاقلارنىڭ پەرقىنى مەن تىپىپ باقسام، ئەگەر تاپالىسام بۇنىڭ بەدىلىگە مېنى زىنداندىن ئازات قىلغان بولسىلا» دەپ ئىلتىماس قىلىپتۇ. بەگ « مەن تىگىگە يېتەلمىگەن ئئىشنى ئۇ قانداق بىلەلىسۇن» دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ئامالنىڭ يوقلىغىدىن قورچاقلارنى يىگىتنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپتۇ. يىگىت دىققەت بىلەن قاراپ چىقىپ قورچاقلارنىڭ قولىغىنىڭ تۈشۈك ئىكەنلىگىنى بايقاپتۇ. ئۇ بىر يىپ تىپىپ قورچاقلارنىڭ بىرىنىڭ قۇلىغىدىن ئۆتكۈزگەن ئىكەن، يىپنىڭ ئۇچى ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىپتۇ. يىپنى ئىككىنجى قورچاقنىڭ قۇلىغىدىن ئۆتكۈزگەن ئىكەن يىپ يەنە بىر قۇلىغىدىن چىقىپتۇ. ئۈچىنجى قورچاقنىڭ قۇلىغىدىن ئۆتكۈزگەن ئىكەن قورچاقنىڭ قۇلىغى ئچىر يەردىن چىقماپتۇ. شۇ چاغدا يىگىت مۇنداق دەپتۇ« ئىي بەگ، بۇ قورچاقلار ئادەمگە ئوخشايدىكەن، بىرىنجى قورچاق بىرەر سۆز ئاڭلىسا ئۇنى ئىككىنجى كىشىگە يەتكۈزۈپ قويىدىغان كىشگە ئوخشايدۇ، بۇنداق ئادەملەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ باھاسى ئەرزان. ئىككىنجى قورچاق بولسا سۆز بۇ قۇلىغىدىن كىرىپ ئۇ قۇلىغىدىن چىقىپ كىتىدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. بۇنداق ئادەملەر بىپەرۋا كىلىدۇ، باشقىلارنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلمەيدۇ، قىلغان نەسىھەتنى ئاڭلىمايدۇ. ئۈچىنجى قورچاق ھەرقانداق سۆزنى، ھەرقانداق نەسىھەتنى ئىچىدە ساقلىيالايدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. بۇنداق ئادەملەرئىشەنچنى ئاقلىيالايدىغان، ئەقىللىق، تۇتاملىق كىلىدۇ. ئۇنىڭ باھاسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولىشىنىڭ سەۋەبى شۇدۇر.» دەپتۇ. يىگىتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باشقىلار ھەيران بوپتۇ. بەگ خۇشال بولۇپتۇ. يىگىتنى زىنداندىن ئازات قىلىپ، قورچاقلارنىڭ باھاسىنى يىزىپ، پادىشاھقا ئەۋەتىپ، قۇتىلىپتۇ.
ئۈچ ئالتۇن قورچاق.