ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى (UKIJ) ئۇيغۇر تىل ۋە يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە 2004-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان. UKIJ گەرچە مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ 2009-يىلدىن بۇيانقى پائالىيىتى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. يېقىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە تىل-يېزىقىمىز ئۈچۈن خالىسانە ھەسسە قوشۇشقا بەل باغلىغان 19 تەتقىقاتچى قايتىدىن UKIJ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى. دەسلەپكى قەدەمدە مەخسۇس Facebook گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى ۋە UKIJ تور بېكىتى http://www.ukij.org رەتلىنىپ يېڭىلاندى ۋە داۋاملىق يېڭىلانماقتا.
شۇ ۋەجىدىن، بارلىق ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكىسىغا قىزىقىدىغان ياكى ئېھتىياجى بار كىشىلەرنىڭ UKIJ تور بېكىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ ئۇچۇرلار ۋە قوراللاردىن پايدىلىنىشىنى، پىكىر-تەلەپ ياكى ئېھتىياجلىرى بولسا تور بېكىتىمىزگە ياكى Facebook گۇرۇپپىمىزغا يوللىشىنى سورايمىز.
ئەگەر سىز ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ئائىت تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىڭىز ۋە بىز بىلەن بىر مەقسەتتە بولسىڭىز 19 كىشىلىك سېپىمىزگە قوشۇلۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ئۇيغۇر تىل ۋە يېزىقىنى بىللە قوغدايلى ۋە تەرەققىي قىلدۇرايلى!
ھۆرمەت بىلەن،
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى
توربەت: http://www.ukij.org
تورخەت: contact@ukij.org
2018-يىل 20-يانۋار
بۇ تور بەتنى تاشلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ دىسەم ئاخىرى يېڭىلىنىپتۇ ھە
ئىسىل قوللايمىز داۋاملىق تىرىشىڭلار
ياخشى بوپتۇ جۇمۇ
ئىزچىل قوللايمىز،ئۇيغۇرتىلىنى قوغداشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.
سىلەرگە كۆپ رەخمەت
بەك ياخشى بولدى،
بەك سۆيۈندۈم، بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق يوقلاپ تۇرىمەن!
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تور بەت ئىكەن ، بۇندىن كېيىنمۇ تاقىلىپ قالماسلىقىنى ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بۇ تور بېكەت ئاخىرى قايتىدىن ئېچىلىپتۇ ،بەك خوش بولدۇم ،داۋاملىق يېڭىلىنىشنى ئۈمۈت قىلىمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇبارەك بولسۇن! ئاخىرى قايتا ئېچىلىپتۇ! ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر، مۇنبەرلەر ئاز قېلىۋاتقاندا بۇ بىكەتنىڭ قايتا ئېچىلىشى ناھايىتى ياخشى ئىش بولدى.
سىلەر قۇرغان مۇنبەر سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىرەر يەردىن تاپقىلى بولامدۇ؟ ياكى سىلەر تەمىنلەپ بېرەلەمسىلەر؟ phpBB نىڭ ئۆزىنىڭ تور بېتىدە 0.1 نەشىرى دەپ كونا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى باركەن، يېڭى نۇسخىسىدا بۇ تەرجىمىنى قاچىلىغاندىن كېيىن خاتالىق چىقىپ ئىشلىمەيكەن. سىلەرنىڭ ئىشلەتكىنىڭلارمۇ phpBB3 ئىكەن ۋە تەرجىمىسىمۇ تولۇقكەن. باشقا ئېچىلىۋاتقان خېلى تور بىكەتلەردىن ئىزدەپ باقتىم ھېچقايسىسىدىن تاپالمىدىم. پەقەتلا Discuz نىلا تاپقىلى بولىدىكەن. بولسا ئاشۇ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان ياكى ئۇيغۇرچە يېزىلغان پروگراممىلارنى تاپالىغىنىمىزنى توپلاپ، چۈشۈرەلەيدىغان بىر بەت قىلىپ قويساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
phpBB مۇنبەرسىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى نەدىن تاپقىلى بولار؟